ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئاۋسەۋەر قازاقىستاندا زىيارەتتە بولدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال مۇسا ئاۋسەۋەر قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇسلان جاكسىلىكوف بىلەن كۆرۈشتى.

2012982
ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئاۋسەۋەر قازاقىستاندا زىيارەتتە بولدى
Ruslan Jaksilikov-Musa Avsever1.jpg
Ruslan Jaksilikov-Musa Avsever.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋسەۋەر باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھەر خىل ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە پايتەخت ئاستاناغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاۋسەۋەر قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاكسىلىكوف بىلەن كۆرۈشتى؛ يىغىنغا قازاقىستان باش ئىشتاب باشلىقى مارات ھۈسەيىنوف ۋە تۈركىيەنىڭ ئاستانەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇستاپا كاپۇجۇ قاتناشتى.

يىغىندا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي تەلىم - تەربىيە، جەڭ مەشىقى ۋە تىنچلىقنى ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەمدە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقى ساھەسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر