تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولدى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى، باش ئەلچى قۇبانىچبېك ئۆمۈرئالىيېۋ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلدى.

2007242
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى، باش ئەلچى قۇبانىچبېك ئۆمۈرئالىيېۋ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدە پۇختا ئاساس يارىتىش ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى فارۇق قايماقچى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى، باش ئەلچى قۇبانىچبېك ئۆمۈرئالىيېۋنىڭ بىريۇسسېل زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن زىياپەت بەردى.

زىياپەتكە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرىدىن سىرت يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى، ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە كۆپ ساندا مېھمانلار قاتناشتى.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى، باش ئەلچى قۇبانىچبېك ئۆمۈرئالىيېۋ زىياپەتتە قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ زىيارەت، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ رايونىدىكى ھەم خەلقئارا سەھنىدىكى سىياسىي رولىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.»

ئۆمۈرئالىيېۋ نۆۋەتچى رەئىسلىكى مەزگىلىدە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن پۇختا ئاساس يارىتىش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈرك دۆلەتلىرى يەر شارى ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئۈزلۈكسىز مال بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا تەيياردۇر.»

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى قايماقچى تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئانادولۇدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇكرائىنا، بالقان رايونى ۋە ياۋروپا قاتارلىق كەڭ جۇغراپىيەلىك رايونلاردىمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈرك دۇنياسى ياۋروپا ئۈچۈن، بولۇپمۇ قاتناش ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەر ئۈچۈن، شۇنداقلا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇ ۋەجىدىن، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ بىريۇسسېلدا تېخىمۇ كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ۋە قۇرۇلمىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئىشىنىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر