ئەزەربەيجان ئەلىيېۋ - پاشىنيان - مىشېل ئۈچ تەرەپ سۆھبەت يىغىنى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

باكۇ ھۆكۈمىتى ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە رەھبەرلىرىنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن ئۈچ تەرەپ يىغىنىنىڭ «ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە پايدىلىق بولغانلىقى» نى بىلدۈردى.

1986872
ئەزەربەيجان ئەلىيېۋ - پاشىنيان - مىشېل ئۈچ تەرەپ سۆھبەت يىغىنى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېلنىڭ تۈنۈگۈن (15-ماي) ئۆتكۈزگەن 5- قېتىملىق ئۈچ تەرەپ يىغىنى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «يىغىننى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە پايدىلىق شۇنداقلا ئۈنۈم ھاسىل قىلىش مەركەزلىك بولدى، دەپ قارايمىز» دېدى.

تەرەپلەرنىڭ ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ تىنچلىق ئورنىتىش كېلىشىم لايىھەسى ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىش، چېگرالارنىڭ بېكىتىلىشى ۋە قاتناش لىنىيەلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى قاتارلىق مەسىلىلەردە كونكرېت نەتىجىگە ئېرىشىش مەقسىتىدە تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «ئەزەربەيجان تەرەپنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مەيدانى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ تەكىتلىنىشى، بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئەرمېنىيەنىڭمۇ ئەزەربەيجاننىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوبۇل قىلىشىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلدى.

يىغىن يەنە، توقۇنۇشتىن كېيىنكى مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ تەقدىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە مىنا تازىلاش ساھەلىرىدىكى خىزمەتلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر