ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەردوغانننى ۋە جۇمھۇر ئىتتىپاقىنى تەبرىكلىدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا كۆپ سانلىق بېلەتكە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ۋە جۇمھۇر ئىتتىپاقىنى تەبرىكلىدى.

1986414
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەردوغانننى ۋە جۇمھۇر ئىتتىپاقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىلھام ئەلىيېۋ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، تەبرىكلىرىنى يەتكۈزگەن.

ئىلھام ئەلىيېۋ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيەنىڭ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە قېرىنداش تۈرك خەلقىنىڭمۇ بۇ سايلامدا رەھبىرىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى نامايان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغانمۇ ئەلىيېۋغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە  ۋە تەبرىكلىگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

رەھبەرلەر سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا قەنئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر