ئەزەربەيجان ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە سۆھبەتلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە بىلەن «تىنچلىق ۋە دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمى» نىڭ بەزى ماددىلىرىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1982953
ئەزەربەيجان ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە سۆھبەتلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزويان باشچىلىقىدىكى ئىككى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ  1 – مارتتىن 4 – مارتقىچە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ ساھىبخانلىقىدا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «مىنىستىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ئۆمەك ئەزالىرى <تىنچلىق ۋە دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم> لايىھەسىنىڭ بەزى ماددىلىرىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تەرەپلەر يەنىلا بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەردىكى مەيدانىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

سۆھبەتكە ساھىبخانلىق قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىغا ئىشاەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر