شەۋكەت مىرزايېۋ بىلەن ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تېلېفون سۆھبىتى نەتىجىلىك بولدى

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1973387
شەۋكەت مىرزايېۋ بىلەن ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تېلېفون سۆھبىتى نەتىجىلىك بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، مىرزايېۋ بىلەن پۇتىن ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۆزئارا سودىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ۋە بىرلەشمە ھەمكارلىق لايىھەلىرىنى يولغا قويۇشقا قارىتا مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سۆھبەتتە، مىرزايېۋ بىلەن پۇتىننىڭ ئاي ئاخىرىدا تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىننوپروم خەلقئارا سانائەت يەرمەنكىسىنىڭ مۇھىملىقى ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ساھەسى ۋە رايونلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈنمۇ ئۈنۈملۈك ساھە بولىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

رەھبەرلەر، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى دائىرىسىدىكى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقتىن مەمنۇن ئىكەنلىكلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ، يېقىن كەلگۈسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك پائالىيەتلەرنىڭ كالېندارى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر