ئەزەربەيجان تۈركىيەدىكى ئاپەت رايونلىرىدا 100 مىليون دوللار قىممىتىدە تۇرالغۇ بىنالارنى سالىدۇ

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردا، 100 مىليون دوللار قىممىتىدە تۇرالغۇ بىنالىرى، ئاممىۋى جامائەت بىنالىرى ۋە مائارىپ ئاپپاراتلىرى بىنالىرىنى سالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1962715
ئەزەربەيجان تۈركىيەدىكى ئاپەت رايونلىرىدا 100 مىليون دوللار قىممىتىدە تۇرالغۇ بىنالارنى سالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بايراموۋ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى شىۋېتسىيەنىڭ، 6-فېۋرال (2023) تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن خەلقئارا ئىئانىچىلەر كونفېرانسىغا قاتناشقان.

ئۇ كونفېرانستا سۆز قىلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، تۈركىيەگە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى، سەھىيە خادىملىرى ۋە پىدائىيلاردىن تەشكىللەنگەن 940 كىشىلىك ئەترەتنى ئەۋەتكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيەگە 5 مىڭ 300 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتكەنلىكلىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ بانكا نومۇرىغا 45 مىليون دوللار ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەزەربەيجاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتىدىن قۇرۇش ئىشلىرىغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەزەربەيجان ئاپەت رايونلىرىدا 100 مىليون دوللار قىممىتىدە تۇرالغۇ بىنالىرى، ئاممىۋى جامائەت بىنالىرى ۋە مائارىپ ئاپپاراتلىرى بىنالىرىنى سالىدۇ »دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر