قازاقىستاندا پارلامېنت ۋە يەرلىك كېڭەش سايلىمى ئۈچۈن بېلەت تاشلاش باشلاندى

ئومۇمىي نوپۇسى 19 مىليوندىن ئاشىدىغان قازاقىستاندا تىزىمغا ئالدۇرغان 12 مىليون 32 مىڭ 550 سايلىغۇچى بولۇپ، پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى ۋە يەرلىك  كېڭەشتە 5 يىل ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەزالارنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلاش باشلاندى.

1961809
قازاقىستاندا پارلامېنت ۋە يەرلىك كېڭەش سايلىمى ئۈچۈن بېلەت تاشلاش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىق تارىخىدىكى 8 - نۆۋەتلىك پارلامېنت ۋە يەرلىك كېڭەش سايلىمى» دەپمۇ رۇيخەتكە ئېلىنىدىغان بۇ قېتىمقى سايلامدا، ئارىدىن 19 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن ئارىلاشما نىسبەتتىكى ۋەكىللىك سىستېمىسى يولغا قويىلىدىغان بولدى.

بۇ سىستېما ئارقىلىق 98 ئورۇندىن تەشكىل تاپىدىغان قازاقىستان پارلامېنتىدا 69 پارلامېنت ئەزاسى سىياسىي پارتىيەلەرگە ۋە 29 پارلامېنت ئەزاسى بىرلا ۋەكىل چىقىدىغان رايونلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى سايلامدا سىياسى پارتىيەلەردىن باشقا يەنە مۇستەقىل كاندىداتلارنىڭمۇ پارلامېنتقا كىرىشى بىلەن دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە يېڭى كىشىلەرنى قوشۇش نىشان قىلىنغانلىقى ھەمدە تىزىمغا ئېلىنغان 7 سىياسىي پارتىيە ۋە 525 مۇستەقىل كاندىداتنىڭ رىقابەتكە چۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۈگۈن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، 17 ۋىلايەت ۋە 3 چوڭ شەھەردىكى يەرلىك كېڭەشنىڭ (ماسلىھەتچى) ۋەكىللىرىمۇ سايلىنىدۇ.

چەت ئەللەردە ياشايدىغان قازاقىستان پۇقرالىرى 62 دۆلەتتىكى قازاقىستان ئەلچىخانىلىرىدا قۇرۇلغان ساندۇقلارغا بېلەت تاشلايدۇ. سايلامنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى 10 كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر