پۇتىن بىلەن ئەلىيېۋ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
1961106
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ئەلىيېۋ بىلەن پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ تېلېفونلىشىپ، رۇسىيە – ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئۈچ تەرەپ رەھبەلىرىنىڭ ئورتاق خىتابنامىسىدە كۆرسىتىلگەن <جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ئەمەلىي چارە – تەدبىرلىرى> توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا كۆرستىلىشىچە، پۇتىن بىلەن ئەلىيېۋ رايوننىڭ قاتناش، ئەشيا ئوبورۇتى ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.