قازاقىستان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — ئاقئوردىدا تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى كۇبانىچبېك ئۆمۇرئالىيېۋنى قوبۇل قىلدى.

1921594
قازاقىستان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تەشكىلاتنىڭ كاتىبات خىزمىتىگە ئەڭ كۆپ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

توقايېۋ تۈنۈگۈن قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — ئاقئوردىدا تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى كۇبانىچبېك ئۆمۇرئالىيېۋنى قوبۇل قىلىپ، ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىنى تەبرىكلەپ، خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلىدى.

توقايېۋ، قازاقىستاننىڭ تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ تەشكىلاتنىڭ تۈرك خەلقلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغان ئۆزگىچە سۇپا بولۇش سۈپىتى بىلەن رولى ۋە ئەھمىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن توقايېۋ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ئورگاننىڭ تەشكىلات بىلەن سودا، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ، بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغان مۇھىم قارارلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يولغا قويۇش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر