مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1912174
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بايراموۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە-ئەزەربەيجان-تۈركمەنىستان ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە-ئەزەربەيجان-تۈركمەنىستان ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى كېلەر ئاي (2022-يىلى دېكابىر) تۈركمەنىستاننىڭ ئاۋازا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.