چاۋۇشئوغلۇ: تۈرك دۇنياسىنىڭ 2040-يىللىق غايە ھۆججىتى مۇھىم قەدەم

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىستانبۇل باشلىقلار يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان «تۈرك دۇنياسى 2040-يىللىق غايە ھۆججىتى» نىڭ، مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تارىخ يۆنۈلۈشىنى تۈزىتىۋاتىدۇ. ئاسىيا قايتىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ» دېدى.

1904864
چاۋۇشئوغلۇ: تۈرك دۇنياسىنىڭ 2040-يىللىق غايە ھۆججىتى مۇھىم قەدەم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۆزبېكستان پايتەختى تاشكەنتتە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (ت د ت) رەھبەرلەر تەييارلىق يىغىنىدا، ئىستانبۇلدىكى يىغىندا رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلغانلىقلىرىنى، قىيىن بىر مەزگىلدىن ئۆتۈۋاتقانلىقلىرىنى، شۇڭا زىچ ھەمكارلىقلارنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنى تۇيۇقسىز زەربىلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «2021-يىلى نويابىردا ئىستانبۇلدا ئېچىلغان رەھبەرلەر يىغىىدا قوبۇل قىلىنغان <تۈرك دۇنياسى 2040-يىللىق غايە ھۆججىتى> ئۇزۇن مۇددەت ئۈچۈن ئېيتقاندا مۇھىم قەدەم ھېسابلىنىدۇ. تۇنجى بەش يىللىق ئىجرا قىلىش مەزگىلىدە ئىستراتېگىيە ھۆججىتىنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى تەييارلاش، نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋاقتىمىزدا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى. بۇلارنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. ھازىرقى ۋەزىيەت ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ، تارىخ يۆنۈلۈشىنى تۈزىتىۋاتىدۇ، ئاسىيا قايتىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنى سىستېمىلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈرك مەبلەغ فوندى تەسىس قىلىش قارارىنىڭ، تۈركىيە نۆۋەتچى رەئىس بولغان مەزگىلدە بېسىلغان مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى بولغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىدە ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە، رەھبەرلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن باش ئەلچى كۇبانىچبېك ئۆمۈرالىيېۋنىڭ تەيىنلەنگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى ھەر جەھەتتىن قوللايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر