تۈركمەنىستاندىكى مانېۋىردا تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارلىرى نامايان قىلىندى

تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى بۇ قېتىم تۈركمەنىستاندا ئۆزىنى نامايان قىلدى.

1898090
تۈركمەنىستاندىكى مانېۋىردا تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارلىرى نامايان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستان ئارمىيەسى كەسپىي ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئىقتىدارىنى سىناش مەقسىتىدە تۈركمەنىستاننىڭ بالقان ۋىلايتىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

مانېۋىردا تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان «بايراقتار ت ب 2» ۋە «دەنىزخان» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتلار بىلەن «كىرپى» ناملىق ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ ئەمەلىي مەيداندىكى ئىقتىدارى سىناق قىلىندى.

تۈركىيەدىن ئالغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ بوشلۇقتىكى ئىقتىدارىنى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى، «دەنىزخان» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتنىڭ ئوق چىقىرىش ئىقتىدارى تەكشۈرۈلدى.

«كىرپى» ناملىق ئاپتوموبىلنىڭ چۆل ۋە تاغلىق رايونلاردىكى مۇرەككەپ يەر تۈزۈلۈشىگە ئىگە جايلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بالقان ۋىلايىتىدىكى دېڭىز ئارمىيەسى مەشىق مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرغا دۆلەت باشلىقى، قوشۇمچە ئارمىيە باش قوماندانى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋمۇ قاتناشتى.

ھەربىي ماشىنىلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن تۈركمەنىستان رەھبىرى، ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي خادىملارنى تەربىيەلەشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر