تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئەزەربەيجانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋ ئەزەربەيجان - ئەرمىنىيە چېگرا لىنيەىسىدىكى توقۇنۇشلاردا جېنىدىن ئايرىلغان ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىگە تەزىيە بىلدۈردى.

1879657
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئەزەربەيجانغا تەزىيە بىلدۈردى
TDT-Istanbul-1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، باش كاتىپ باغداد ئامرېيېۋنىڭ ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى «ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى ۋە بۇ قىلمىشنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامرېيېۋ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشى ۋە تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ جەنۇبىي كاۋكاز رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەزەربەيجاننىڭ خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان چېگرالىرىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە چېقىلالماسلىق ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئامرېيېۋ، ئەرمېنىيەنى ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن مەۋجۇت كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامرېيېف: «(تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى) كاتىبات باشقارمىسى، شېھىتلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، قېرىنداش ئەزەربەيجان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىدىن ھال سورايدۇ، يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېگەن.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ 12-سېنتەبىر كېچىسى ۋە 13 - سېنتەبىر (2022) ئەتىگەندە پەيدا قىلغان چېگرادىكى ئىغۋاگەرچىلىكى نەتىجىسىدە 50 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر