رۇسىيەدە «ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە يىغىنى» چاقىرىلدى

ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا لىنىيەلىرىنى بېكىتىش يىغىنى رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا چاقىرىلدى.

1874028
رۇسىيەدە «ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە يىغىنى» چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان تەرىپىدىن (بۇلتۇر) 26 – نويابىر كۈنى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن، ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا لىنىيەسىنى بېكىتىشكە مۇناسىۋەتلىك ئىككى تەرەپلىك كومىتېت يىغىنى، رۇسىيەنىڭ رىياسەتچىلىكىدە موسكۋادا چاقىرىلغان.

يىغىنغا، ئەرمېنىيە ھەيئىتىگە ۋەكالىتەن ئەزەربەيجان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى شاھىن مۇستافايېۋ، ئەرمېنىيە ھەيئىتىگە ۋەكالىتەن ئەرمېنىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مگېر گرىگوريان ۋە رۇسىيە ھەيئىتىگە ۋەكالىتەن رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئالېكسېي ئوۋېرچۇك رىياسەتچىلىك قىلغان.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، مۇنداق دېيىلگەن: «رۇسىيە ھەيئىتى، ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا لىنىيەسىنى بېكىتىش، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قاتتىق قوغداش مەسىلىسىدە ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەردە داۋاملىق كېڭىشىش ۋە تېخنىكىلىق ياردەمدە بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.»

باياناتتا، كېلەر قېتىملىق يىغىننىڭ، دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق قارارلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر