خۇلۇسى ئاقار تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈرك تىلlلىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان بىر قىسىم مىنىستىرلىرى ۋە مۇئاۋىن مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1874048
خۇلۇسى ئاقار تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى
akar-savunma bakanlari.jpg
akar-savunma bakanlari1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئۆزىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە كەلگەن ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاھسىن ئەرتۇغرۇلئوغلۇ، قازاقىستان مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال سۇلتان كامالددىنوۋ، قىرغىزىستان مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە بىرىگادا كوماندىرى گېنېرال ئاقىلبەك ئىبرايېۋ ۋە ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پولكوۋنىك ھەمدان قارشىيېۋ بىلەن تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ھەربىي مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا بىر يەرگە جەم بولدى.

خۇلۇسى ئاقار تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى قوماندانلىرى بىلەن بىرگە، مېھمان مىنىستىرلارنى ۋە مۇئاۋىنلىرىنى ئايرىم- ئايرىم قارشى ئالدى.

مىنىستىر ئاقار سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، قېرىنداش دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنىڭ  مۇھىم ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ: «ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك، دۇنيادا ھېچكىم يالغۇز قەد كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ. شۇڭلاشقا دوست، قېرىنداش ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى ۋە ئۇچرىشىپ تۇرۇشى شەرت. بىز ھەربىي مەشىق ھەمكارلىقى ۋە مۇداپىئە سانائىتى جەھەتتە بىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرالايمىز. بۇ تېمىلاردا ماقۇللانغان بىرەر قارار يوق. ئۈستەلنىڭ ئۈستى بوش. ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلىكتە قارارغا كېلىمىز. چۈنكى تىنچلىق دەۋرىدىن ياخشى پايدىلىنالمىساق، خەتەر دەۋرىدە بەك كېچىكىپ كەتكەن بولىمىز. بۇ پائالىيەتلىرىمىز ھەرگىزمۇ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قارشى تۇتقان پوزىتسىيە ئەمەس» دېدى.

خۇلۇسى ئاقار شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاھسىن ئەرتۇغرۇلئوغلۇنىڭ كېلىشى ئەسناسىدا ئۇنىڭغا: «قىبرىس بىزنىڭ مىللىي مەسىلىمىزدۇر» دېدى ۋە ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋغا بولسا، «قېرىندىشىم كەپتۇ» دەپ خىتاب قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر