ياۋروپا كېڭىشى: ئەزەربەيجان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە شېرىكىدۇر

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئەزەربەيجان بىلەن يېڭى ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك كېلىشىمىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1857181
ياۋروپا كېڭىشى: ئەزەربەيجان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە شېرىكىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن 18-نۆۋەتلىك ياۋروپا-ئەزەربەيجان ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلدى.

بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن يېڭى ئۇنىۋېرسال ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك كېلىشىمىنى كېڭىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەزەربەيجاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايراموۋ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ۋە ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ياۋروپا بازىرىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئېنېرگىيە لايىھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزەربەيجاندىن گاز سېتىۋىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرىدىغان بولدى.

يىغىندىن كېيىن ياۋروپا كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئەزەربەيجان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم شېرىكى شۇنداقلا ياۋروپانى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغان ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىغا تۆھپە قوشقان ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە شېرىكىدۇر. شۇڭلاشقا ئېنېرگىيە ۋە تۈنۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك، يېڭى كېلىشىمنى ئاساس قىلغان سۆھبىتىمىزدە مۇھىم تېمىدۇر»

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ئالدىنقى كۈنى ئەزەربەيجاندا ئۇچرىشىشلاردا بولغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر قانچە يىل ئىچىدە رۇسىيە تەبىئىي گازىنىڭ ئورنىغا ئەزەربەيجاندىن گاز سېتىۋىلىش نىسبىتىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر