ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كېڭەيتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي رايوندا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداشتا ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ.

1840032
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كېڭەيتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تىلەۋبەردىنىڭ ساھىبخانلىقىدا «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەئېنبېك قۇلۇبايېۋ، تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مەرەدوۋ، ئۆزبېكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى ۋلادىمىر نوروۋ، تاجىكستانقاتناش مىنىستىرى ئازىم ئىبراھىم ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتناشتى.

تەرەپلەر يىغىندا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنىڭ، رايوندا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداشتىن باشقا، داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

يىغىندا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ئارىسىدا بىخەتەرلىك، قاتناش، سانائەت، كىلىمات ئۆزگىرىشكە قارشى كۈرەش، يېشىل ئىقتىساد، ئۇچۇر سانائىتى، سەھىيە، ساياھەتچىلىك، مەدەنىيەت ۋە باشقا ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىلان-لايىھەلەر تەستىقلاندى.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تىلەۋبەردى يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ: «دىيالوگ فورماتىدىكى يىغىن رامكىسىدا، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشكە، ئۇنىڭ مۇھىم يوشۇرۇن كۈچىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى تىنچلىق، دوستلۇق، ئۆزئارا ياردەم ۋە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەرەققىياتقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدۇق» دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ فامىلىلىك يىغىندا، ئۆزئارا ھۆرمەت، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق رامكىسىدا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇستەقىللىقى، تىنچلىقى ۋە كېلەچىكى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاي-ياۋروپا يولىنىڭ بىخەتەر ۋە مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر