تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن ئەزەربەيجان قىسىملىرى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مانېۋىرنىڭ سۈرەتلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

1830293
تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن ئەزەربەيجان قىسىملىرى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى
turkiye-azerbaycan tatbikat.jpg
turkiye-azerbaycan tatbikat.jpg
turkiye-azerbaycan tatbikat.jpg
turkiye-azerbaycan tatbikat.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى ۋە ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن قارستا ئېلىپ بېرىلغان «ھەيدەر ئەلىيېۋ 2022 (تۈركىيە-ئەزەربەيجان) ئەمەلىي ئېتىش مەشقى ئوتاقلىقى/ بىرلەشمە باتالىيون خىزمەت ئەترىتى نەق مەيدان مانېۋىرى» نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مانېۋىرنىڭ سۈرەتلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، «مانېۋىرنىڭ مەقسىتى تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرى خادىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆز-ئارا ماسلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، بىلىم ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئېتىشىش ئىقتىدارى ۋە چەبدەسلىكىنى ئاشۇرۇپ، ھەرتۈرلۈك ھاۋارايى شارائىتىدا مەشىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ھايات قېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتۇر» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

مانېۋىر 2022-يىلى 22-مايدىن 26- مايغىچە قارستا داملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر