تۈركمەن مىنىستىر: ئىراقلىق تۈركمەنلەر ھەر دائىم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قوللايدۇ

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتنىك مىللەتلەر ۋە دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل مىنىستىرى ئايدىن مارۇف ئىراقلىق تۈركمەنلەرنىڭ ھەر دائىم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1818033
تۈركمەن مىنىستىر: ئىراقلىق تۈركمەنلەر ھەر دائىم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتنىك مىللەتلەر ۋە دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل مىنىستىرى، قوشۇمچە ئىراق تۈركمەن فىرونتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى ئايدىن مارۇف، ئېلان قىلغان سىنلىق باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ، رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى چېگر ا ھالقىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتى، ھەقلىق رەۋىشتە رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن، بىرلىكتە ياشاش مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتتۇر. بىز ئىراقلىق تۈركمەنلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر دائىم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قوللايمىز. دەرۋەقە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، قەدەمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، رايوندىكى خەلقلەر، پۇقرالار ، بارلىق ئېتنىك مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارغا ئىزچىل تۈزدە مىسلىسىز ياردەملەردە بولۇپ ھەم ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە. ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا شېھىت بولغان تۈركىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىگە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر