قاراباغدا نورۇز گۈلخانىغا ئوت يېقىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىن ئازاد قىلىنغان قاراباغنىڭ سۇكاۋۇشاندا نورۇز گۈلخانىغا ئوت ياقتى.

1798888
قاراباغدا نورۇز گۈلخانىغا ئوت يېقىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ قاراباغدا نورۇز گۈلخانىغا ئوت ياقتى.

ئۇ قاراباغدا تارىخىي غەلبىنىڭ ئارقىسىدىن ئىككىنچى قېتىم  نورۇزنى تەبرىكلىگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، 2020-يىلى ئۇرۇش قىلىپ، قان تۆكۈپ ۋە شېھىتلارنى بېرىپ، ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىن ئازاد قىلغان قاراباغقا مەڭگۈگە قايتىپ كەلگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان زېمىنلاردا كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇش لايىھەلىرىنى باشلىغانلىقلىرىنى، ئەسلى ۋەزىپىلىرىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان پۇقرالارنىڭ بالدۇرراق ئانا ۋەتىنىگە قايتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئەزەربەيجاننىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ۋە بارلىق ئىشلارنى قىلىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز قاراباغقا ۋە شەرقىي زەنگەزۇرغا ئەبەدىيلىككە قايتتۇق. بىز بۇ يەردە، تارىخىي زېمىنلىرىمىزدا ئەبەدىي ياشايمىز» دېدى.

ئۇ قاراباغنىڭ تەبىئىي ۋە تارىخىي گۈزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بارلىق بۇ گۈزەللىكلەرگە گۈزەللىك قوشىمىز. ئەزەربەيجانلىقلار بۇ يەردە راھەت، خاتىرجەملىك، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە ياشايدۇ. ئەزەربەيجان دۆلىتى ۋە ئارمىيەسى، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ كاپالىتىدۇر. قەدىرلىك خەلقىمنىڭ نورۇز تەبرىكلىرىنى ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان قاراباغقا يەتكۈزگەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىمەن. بۇندىن كېيىن، ئەزەربەيجاننىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىدىغاننىڭ ئەڭ ياخشىسىنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن. قاراباغ مەڭگۈ ئەزەربەيجاننىڭ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر