قازاقىستان مەجلىسى باشلىقى ئىستېپا بەردى

قازاقىستان مەجلىسى باشلىقى نۇرلان نىگماتۇلىننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1771438
قازاقىستان مەجلىسى باشلىقى ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن مەجلىس باشلىقى نىگماتۇلىننىڭ سالاھىيەتلىرىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن بىكار قىلىنىشى توغرىسىدىكى پەرماننى تەستىقلىدى.

پەرمانغا ئاساسەن، 10 يىلدىن بۇيان قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى بولغان مەجلىسنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن نىگماتۇلىننىڭ رەئىسلىكى بىلەن بىرلىكتە پارلامېنت ئەزالىقىمۇ بىكار قىلىندى.

نىگماتۇلىن يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۆزىنى قوللىغان قۇرغۇچى پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف ۋە پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توكايېفقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن پارلامېنتتا مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنگەن سايلىغۇچىلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئەلۋەتتە بۇ ئۈچ باسقۇچ بويىچە بىرلىكتە ۋەزىپە ئۆتىگەن پارلامېنت ئەزالىرىغىمۇ تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.

يەرلان كوسانوف پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىشى بىلەن مەجلىسنىڭ يېڭى باشلىقلىقىغا سايلاندى. كوشانوف ئاخىرقى قېتىم قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر