ب د ت قازاقىستانغا نارازىلىق بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قازاقىستاندا نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ب د ت تىنچلىق ساقلاش كۈچى ئەسكەرلىرى كىيىدىغان ۋە ب د ت نىڭ بەلگىسى بولغان كۆك بىخەتەرلىك قالقىپى كىيىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1760676
ب د ت قازاقىستانغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچ، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش كۈچىنىڭ پائالىيەتلىرىگە تۆھپە قوشقان دۆلەتلەر، ب د ت گە ئائىت بەلگە ياكى سىمۋوللارنى پەقەت ب د ت تىنچلىق ساقلاش كۈچى پائالىيەتلىرىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدىلا ئىشلىتەلەيدۇ. بىز بۇ مەسىلىگە قارىتا ئەندىشىمىزنى قازاقىستان ۋاكالەتخانىسىغا بىۋاسىتە يەتكۈزدۇق ۋە بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىىدىغانلىقى توغرۇلۇق بىزگە ۋەدە بېرىلدى.»

قازاقىستاندا نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ،  ب د ت تىنچلىق ساقلاش كۈچى ئەسكەرلىرى كىيىدىغان ۋە ب د ت نىڭ بەلگىسى بولغان كۆك بىخەتەرلىك قالقىپى كىيگەنلىكىگە ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەر، ئاممىۋى تاراتقۇلاردا تارقالغانىدى.

قازاقىستاننىڭ غەربىدە 2 – يانۋار كۈنى سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى (LPG) نىڭ باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى باشلانغان نامايىشلارنىڭ دائىرىسى دۆلەتنىڭ باشقا جايلىرىغىچە كېڭىيىپ كەتكەنىدى.

نامايىشلارنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ كەتكەندىن كېيىن،  دۆلەت مىقياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

            نامايىشچىلارنىڭ دۆلەت بىنالىرىنى ئىشغال قىلىشى ۋە قورال – ياراغ ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە، نۇر سۇلتان ھۆكۈمىتى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى.

ۋەقەلەر داۋامىدا ھازىرغىچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 8 مىڭغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر