قازاقىستاندا نامايىش سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت ئىستېپا بەردى

قازاقىستاندا باش مىنىستىر ئەسقەر مامىن باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە قارشى نامايىش سەۋەبىدىن ئىستېپا بەردى.

1757489
قازاقىستاندا نامايىش سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توقايېۋ ئەتىگەندە (2022-يىلى 5-يانۋار) ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدى.

پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەلىخان ئىسمايىلوۋ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ۋەكىل بولۇپ تەيىنلەنگەن.

قازاقىستاننىڭ غەربىدىكى جانائوزەن شەھىرىدە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە قارشى شوپۇرلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيگەندىن كېيىن، ئالمۇتا شەھىرى ۋە مانگىستاۋ ئۆلكىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان ئىدى.

جىددىي ھالەت ھەققىدە پىرېزىدېنت توقايېۋنىڭ ئىمزالىغان قارارنامىسىدا، قازاقىستاندا ئاممىۋى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقى سەۋەبىدىن مەزكۇر رايونلاردا 5-يانۋاردىن 19-يانۋارغىچە كوچىغا چىقىشنى چەكلەش يولغا قويۇلغان ئىدى.

قازاقىستاننىڭ بۇرۇنقى پايتەختى ئالمۇتادا مىڭلىغان كىشى قاتناشقان نامايىش بىر كېچە داۋاملاشقان ۋە ساقچىلار ئاۋاز بومبىسى شۇنداقلا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان ئىدى.

قازاقىستاندا سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنىڭ 60 تەڭگىدىن 120 تەڭگىگە ئۆستۈرۈلىشى ھۆكۈمەتنىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

قۇرۇلغان ئالاھىدە ھۆكۈمەت كومىتېتى ئاقتاۋدىكى نامايىشچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنى 50 تەڭگىگە چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا قارىماستىن داۋاملاشقان نامايىشلاردا، مەۋجۇت ھۆكۈمەت تۈزۈمىنى تەنقىد قىلىدىغان سىياسىي شوئارلار توۋلانغان ۋە خەلقنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر