تۈركمەنىستان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ ئاخىرقى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈركمەنىستانغا نىسبەتەن بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1735085
تۈركمەنىستان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستاننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاپا ھاجىيېۋ پايتەخت ئاشقئابادتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، 12-نويابىر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا دائىر بايانات ئېلان قىلدى.

ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تۈركمەنىستاننىڭ كۆزەتكۈچى ئەزا سۈپىتىدە قاتنىشىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالغان ۋاپا ھاجىيېۋ، ئىقتىساد، سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېكولوگىيە، ئىلىم-پەن ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى كەڭ پۇرسەتلەرنىڭ بايقىلىشى جەھەتتىن ھەمدە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئالاقە – مۇناسىۋىتى جەھەتتىن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاپا ھاجىيېۋ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم رايونلۇق تەشكىلات بولۇش سۈپىتى ۋە مەدەنىيەت قىممىتى بىلەن دۇنيادىكى خەلقلەرنى بىرلەشتۈرگەنلىكى شۇنداقلا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتكەنلىكى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر