ھەسەنوۋ: تۈركىيە ئارمىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەلەرنىڭ بىرى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن ئەسكەرلىرىنىڭ تۈركىيەدە تەربىيەلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ (TSK) دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

1731411
ھەسەنوۋ: تۈركىيە ئارمىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەلەرنىڭ بىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھەسەنوۋ غەلىبە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ: «ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ (بىر يىل ئىلگىرى) باش قوماندان ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ رەھبەرلىكىدە (2-قاراباغ ئۇرۇشىدا) ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنى 44 كۈن ئىچىدە تارمار قىلىپ، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئۇرۇشتا يۇقىرى كەسپىي ماھارىتىنى نامايان قىلدى. ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن ئەسكەرلىرى تۈركىيەدە تەربىيەلەندى، تۈركىيە ئارمىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەلەرنىڭ بىرى. مىللىتىمىز، تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە دىنىمىز بىر. بىز بۇ ئەۋزەللىكلەردىن ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك پايدىلاندۇق. بۇنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«بىز پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئۇرۇش نەتىجىلىرىنى تەھلىل قىلدۇق ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە ئارمىيەنى قايتا تەشكىللەۋاتىمىز. ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئۇرۇشتا تۈركىيەدە ياسالغان زامانىۋى قورال-ياراغ ۋە ئوق -دورىلارنى ئىشلەتتى. بۇ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە. تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى كۆپ تەرەققىي قىلدى. پەقەت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە تۈركىيە ئۆزى ياسىغان زەمبىرەك، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، دەل تېگىدىغان ئوقلار، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلارغا قارشى ئۈسكۈنىلەرنىمۇ ئىشلەتتۇق. ئەلۋەتتە <بايراقتار ئۇچقۇچىسز ھاۋا ئاپپاراتلىرى> نىمۇ ئىشلەتتۇق.»

ئۇ ئاخىرىدا، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ، «بۇ غەلىبە، بىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىمىزنىڭ غەلىبىسى» دېگەن سۆزلىرىنى خاتىرىلىتىپ: «بۇ پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ غەلىبىسىدۇر» دېدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر