شىۋېتسىيەدە بىر تۈرك سىياسەتچىگە تەھدىت سالغان كىشىگە جازا بېرىلدى

شىۋېتسىيەنىڭ مالمۆ شەھىرىدە، ئىجتىمائىي تاراتقۇدا (Nyansparti) نىڭ باشلىقى مىكائىل يۈكسەلگە تەھدىت سالغان كىشى تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىندى.

1726172
شىۋېتسىيەدە بىر تۈرك سىياسەتچىگە تەھدىت سالغان كىشىگە جازا بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالمۆ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى <<ئوخشىمىغان رەڭلەر پارتىيەسى>> نىڭ باشلىقى مىكائىل يۈكسەلگە تەھدىت سالغان كىشىنىڭ تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، 20 ياشلىق جاۋابكارنىڭ مىكائىل يۈكسەلگە قارشى <<تەھدىت ۋە ئۆچمەنلىك جىنايىتى>> بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، جاۋابكارنىڭ سوت مەھكىمىسىگە 2 مىڭ 500 كرون، مىللىتى تۈرك مىكائىل يۈكسەلگە بولسا 5 مىڭ كرون تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مىكائىل يۈكسەل جاۋابكارنىڭ فەيسبۇكتا تەھدىت سالغانلىقىنى ۋە ئىسلام ئۆچمەنلىكىگە ئائىت سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: <<مالمۆ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارنىڭ ماڭا 5 مىڭ كرون تۆلەم تۆلىشىگە ھۆكۈم قىلدى. مەن بۇ 5 مىڭ كروننى ئىلگىرى قىلغان ۋەدەم بويىچە گۆتەبورگدا سېلىنىۋاتقان دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسىغا قاراشلىق مىمار سىنان مەدەنىيەت مەركىزىگە ئىئانە قىلىمەن>> دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر