قازاقىستاندا مەملىكەتلىك ماتەم مۇراسىمى دائىرىسىدە دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلدى

قازاقىستاندا ھەربىي ئوق-دورا ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ھەربىي خادىم ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتى خادىملىرىدىن 13 كىشى شېھىت بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنغان مەملىكەتلىك ماتەم مۇراسىمى دائىرىسىدە مەملىكەت مىقياسىدا دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلدى.

1699172
قازاقىستاندا مەملىكەتلىك ماتەم مۇراسىمى دائىرىسىدە دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توكايېۋنىڭ قارارى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتە دۆلەتلىك ماتەم كۈنى ئېلان قىلىندى.

بۇ دائىرىدە، بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ۋە چەتئەللەردىكى ۋەكالەتخانىلىرىدا، بولۇپمۇ پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا بايراقلار يېرىم چۈشۈرۈلدى.

تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ۋە رادىئو ئاڭلىتىشلىرىدىمۇ كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

رەسمىي ئاممىۋى تور بېكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋەر ئورگانلىرىنىڭ باش بەتلىرىمۇ قارا ۋە ئاق رەڭگە ئۆزگەرتىلدى.

قازاقىستاندا ئېلان قىلىنغان مەملىكەتلىك ماتەم سەۋەبىدىن، تۈركىيەنىڭ نۇر سۇلتاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ: «قېرىنداش قازاقىستان خەلقى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىمىز دائىرىسىدە، ئەلچىخانمىزدىكى بايراقلىرىمىزنى يېرىم چۈشۈردۇق» دېيىلدى.

26-ئاۋغۇست شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 19.00 ئەتراپىدا قازاقىستاننڭ جەنۇبىدىكى جامبىل ئۆلكىسىگە قاراشلىق بايزاكوۋ ناھىيەسىدىكى ھەربىي قىسىمنىڭ ئوق دورا ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى پارتىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

رەسمىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ھەربىي ئوق دورا ئىسكىلاتىدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن پارتلاشتا ھەربىي خادىملار ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىن 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ھەمدە كۆپىنچىسى ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرى بولۇپ، جەمئىي 90 كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر