مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە بايرىمىنى تەبرىكلىدى
ئەزەربەيجاندا ئارمىيە بايرىمى ۋە ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 103 يىللىقى تەبرىكلەنمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى؛ تېلېگراممىدا: «ئەزەربەيجان تۈركى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قەھرىمانلارچە، شۇنداقلا پىداكارلارچە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، <بىرلا ۋەتەن ھەرىكىتى> ئارقىلىق قاراباغدىكى ئۆز زېمىنلىرىنى ئىشغالدىن ئازاد قىلىپ، بىزنى سۆيۈندۈرگەن كۈچلۈك ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئالاھىدە كۈنىنى تەبرىكلەيمىز، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن سالام يوللايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.