فۇئات ئوكتاي 1-قېتىملىق تۈرك دۇنياسى مېتېرولوگىيە مۇنبىرىدە سۆز قىلدى

تۈركىيە مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوكتاي كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى ئايرىم-ئايرىم قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئومۇمىيۈزلۈك كۈرەشنى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1586979
فۇئات ئوكتاي 1-قېتىملىق تۈرك دۇنياسى مېتېرولوگىيە مۇنبىرىدە سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوكتاي مېتېرولوگىيە ئىدارىسىنىڭ تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 1-قېتىملىق تۈرك دۇنياسى مېتېرولوگىيە مۇنبىرىدە سۆز قىلدى.

ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن سەل، قۇيۇن، قۇرغاقچىلىق ۋە ئورمان ئوت ئاپەتلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «دۆلەتلىرىمىزگە ۋە كېلەچىكىمىزگە تەھدىت سېلىۋاتقان كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى ئايرىم-ئايرىم قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئومۇمىيۈزلۈك كۈرىشىمىزنى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشىمىز مۇھىم» دېدى.

ئۇ بولۇپمۇ، مېتېرولوگىيەلىك ئاپەتلەر مەسىلىسىدە دەل ۋاقتىدا ۋە توغرا تەخمىن قىلىش، ئالدىن خەۋەر بېرىش ۋە بۇ ئاپەتلەرگە قارشى بەرداشلىق بېرىش تېمىلىرىغا زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەب بولۇۋاتقان قۇرغاقچىلىق، سۇ ۋە يېمەك-ئىچمەك كىرىزىسى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ساقلىقى ۋە ئىقتىساد قاتارلىق ھاياتنىڭ ھەر تەرىپىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. قىلىنغان مېتېرولوگىيەلىك ئۆلچەشلەر ۋە تەخمىنلەر، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىلدە كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنتايىن دراماتىكىلىق نەتىجىلەرگە سەۋەب بولۇش مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە» دېدى.

ئۇ ھەم مۇھىت خاراكتېرلىك ھەمدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن چوڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدا خەلقئارالىق، دۆلەتلىك ۋە يەرلىك سەۋىيەلەردە داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى، تۈك دۇنياسى مېتېرولوگىيە بىرلەشمىسى كۈنلۈكى ئاستىدا كەڭ دائىرىلىك سىستېمىلىق قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر