ئۆزبېكستان 2023-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتىدۇ

ئۆزبېكستان ھۆكۈمىتى قەدەممۇ قەدەم ھالدا لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش توغرىسىدا تەييارلانغان پىلان-تەكلىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارارنى تەستىقلىدى.

1582505
ئۆزبېكستان 2023-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكستاندا لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش توغرىسىدىكى قارار تەستىقلاندى. قارار بويىچە، 2023-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئۆزبېكستاندىكى بارلىق ئىدارە-ئورگانلارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە رەسمىي ئالاقىلەر لاتىن ئېلىپبەسى بىلەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەتتىكى بارلىق ئاخبارات ئورگانلىرى، ئېلېكتىرونلۇق تاراتقۇلار، خەۋەر تور بەتلىرى، مەتبە ۋە نەشرىياتلارمۇ لاتىن ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىدۇ.

يۇقىرىدىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، كىملىك، ئىقامەت ۋە ئىسپاتلىرى، ئىش قەغەزلىرى لاتىن ئېلىپبەسىدە تەييارلىنىدۇ. بارلىق كوچا، يول ۋە ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئىسىملىرى، لوزۇنكا-ۋىۋىسكىلار، ئېلان-ئۇقتۇرۇشلارمۇ لاتىن ئېلىپبەسى بويىچە بولىدۇ.

بۇ رامكىدا، لاتىن ئېلىپبە ئاساسىدىكى ئۆزبېكچىنىڭ يېڭى يېزىق قائىدەلىرى تەييارلىنىپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

ھازىر ئۆزبېكستان دۆلەت ئىدارە-ئورگانلىرىدىكى رەسمىي ئالاقىلەر، كىرىل ئېلىپبەسى بويىچە بولۇۋاتقان بولۇپ، مەكتەپلەر لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۆزبېكچە كىتابلارنى دەرسلىك قىلماقتا.

كىرىل ئېلىپبەسى بىلەن لاتىن ئېلىپبەسى تەڭ قوللىنىلىۋاتقان ئۆزبېكستاندا، 1993-يىلى 2-سېنتەبىر لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، 31 ھەرپ بار بۇ ئېلىپبە، 1995-يىلى 29 ھەرپلىك يېڭى لاتىن ئېلىپبەسىگە ئالماشتۇرۇلدى.

ئۆزبېكستاندا ھازىرمۇ ئۆزبېكچىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان لاتىن ئېلىپبەسى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرەلەر داۋاملاشماقتا.

كۆپىنچە مۇتەخەسىسلەر 1993-يىلى قوبۇل قىلىنغان لاتىن ئېلىپبەسىنىڭ ئۆزبېكچىگە ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر