ئېرشات سالىھى: تېررورلۇق تەشكىلاتى كەركۈكتە زەھەرلىك چېكىملىك ئارقىلىق ياشلارنى زەھەرلىمەكتە
ئىراق تۈركمەن فىرونتى (ITC) نىڭ رەئىسى ئېرشات سالىھى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە بازارغا زەھەرلىك چېكىملىك سېلىش ئارقىلىق ياشلارنى زەھەرلەشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېرشات سالىھى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىراق تۈركمەن فىرونتى خادىملىرىغا سۈيقەست قىلىپ كېلىۋاتقان تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بۇ قېتىم كەركۈكتە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنى باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىدى.
ئېرشات سالىھى: «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك كەركۈكتە زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى باشلاش ئارقىلىق ياشلارنى زەھەرلىمەكتە» دېدى.
ئىراق تۈركمەن فىرونتى (ITC) نىڭ رەئىسى ئېرشات سالىھى ئىراقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى باشلانغان كۈرەشنىڭ پ ك ك نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئېرشات سالىھى خەلقئارادا تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان پ ك ك غا قارشى ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىشى لازىلىقىنى تەلەپ قىلدى.