ئەزەربەيجاندا مىنا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئەرمېنىيە كۈچلىرى كۆمۈپ قويغان مىنانىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئەزەربەيجانلىق بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1545102
ئەزەربەيجاندا مىنا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان ئاغدام ۋىلايىتىنىڭ شاھبۇلاق يېزىسىدا، ئەرمېنىيە كۈچلىرى كۆمۈپ قويغان مىنانىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە، بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىر پۇقرا بىلەن بىر ئەسكەر يارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.

باش تەپتىش مەھكىمىسى، ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنى ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان زېمىنلار مىنالاردىن تولۇق تازىلىنىپ بولغانغا قەدەر بۇ جايلارغا كىرمەسلىك توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان.

ئىلگىرىمۇ ئەرمېنىيە كۈچلىرى كۆمۈپ قويغان مىنالارنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە، ئەزەربەيجانلىق بەش پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر