قاراباغدا تۈركىيە بايرىقى قادالدى

ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى قاراباغدا تۈركىيە بايرىقىنى قادىدى.

1530946
قاراباغدا تۈركىيە بايرىقى قادالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، ئەرمېنىيە ئارمىيەسى چېكىنگەن رايونلارغا ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئورۇنلاشماقتا.

ئاممىۋى تاراتقۇلاردا تارقىتىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەردە، قاراباغدىكى ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى، بۇ يەردە تۈركىيە بايرىقىنى قادىماقتا.

بىر ۋىدېئودا، تۈركىيە بايرىقىنى قاداۋاتقان ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىدىن بىرى، مۇنداق دېمەكتە: «قاراباغنىڭ ئازاد قىلىنىشىدا بىزگە يېقىندىن ياردەم بەرگەن قېرىندىشىمىز، <بىر دۆلەت، ئىككى مىللەت> ئېڭىغا ئاساسلىنىدىغان تۈركىيەنىڭ شەرىپى ئۈچۈن، تۈركىيە بايرىقى ئەزەربەيجان بايرىقى بىلەن بىرلىكتە قادىلىدۇ. قاراباغ ئەزەربەيجاندۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر