قىرغىزىستان باش مىنىستىرى  پىرېزىدېنت نامزاتى بولۇش ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

قىرغىزىستاندا 10 - يانۋاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا نامزات بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان باش مىنىستىر سادىر جاپاروۋ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

1527927
قىرغىزىستان باش مىنىستىرى  پىرېزىدېنت نامزاتى بولۇش ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنتلىق ئاخبارات مەركىزىنىڭ باياناتىدا، سادىر جاپاروۋنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىقىغا ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئارتەم نوۋىكوۋغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

سادىر جاپاروۋنىڭ ئالقىنىدا تۇتۇپ كەلگەن پىرېزىدېنتلىق ھوقوقلىرىنى بولسا، پارلامېنت باشلىقى تالانت مامىتوۋغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى  بىىلدۈرۈلدى.

تالانت مامىتوۋ خەلققە قىلغان خىتابىدا، ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ 2021 - يىلى 10- يانۋاردا ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا بارلىق نامزاتلارغا باراۋەر شارائىت يارىتىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، نامزاتلىق ئىلتىماسى سۇنۇش مۇدىتىنى 10 – يانۋاردا ئاخىرىلىشىدىغان سايلام ئۈچۈن ھازىرغىچە 63 كىشىنىڭ نامزاتلىققا ئىلتىماس سۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قىرغىزىستان پارلامېنتىغا كىرەلمىگەن پارتىيەلەر 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلىرى زوراۋانلىققا ئايلانغاندىن كېيىن، قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن 6 - ئۆكتەبىردە تۈرمىدىن چىقىرىلغان سادىر جاپاروۋ شۇ كۈنى «ۋاقىتلىق باش مىنىستىر» ئېلان قىلىنغان ئىدى.

سادىر جاپاروۋ پارلامېنتنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشكەن ۋە پىرېزىدېنت سورونباي جېنبېكوۋ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى ۋاقىتلىق ئۈستىگە ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر