ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە قىسىملىرىغا تەۋە توپ ۋە تانكىلارنى پاچاقلاپ تاشلىدى

ئالدىنقى سەپنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشىدە كېچىچە ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىگە ۋە ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئەرمېنىيە قىسىملىرىغا ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئېغىر زەربە بەردى.

1523879
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە قىسىملىرىغا تەۋە توپ ۋە تانكىلارنى پاچاقلاپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، توقۇنۇشنىڭ ئاساسەن ئاغدەرە، ئاغدام، خوجاۋەند ۋە گۇبادلى يۆنىلىشىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئالدىنقى سەپنىڭ بەزى جايلىرىدا ئەسكەرلىرى ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ھەمدە چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەرمېنىيەگە تەۋە 4 دانە T-72 تىپلىق تانكا، 2 دانە D-20 تىپلىق توپ ۋە قورال - ياراغ قاچىلانغان بىر قانچە يۈك ئاپتوموبىلىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن تەرتەر، بەردە، ئاغدام، ئاغجابەدى ۋە گۇبادلى ۋىلايەتلىرىگە زەمبىرەك ئاتقانلىقى، پۇقرالار ئارىسىدا قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

پۈتكۈل فرونتنى بويلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە ۋەزىيەتنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت چېگرىسىدا ئۇرۇش توختىتىشقا يەنە خىلاپلىق قىلغانلىقى، ئەرمېنىيە زېمىنىدىن توۋۇز، گەدەبەي ۋە داشكەسەن ۋىلايەتلىرىدىكى ئەزەربەيجان بازىلىرىغا ئوق چىقىرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر