ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بەردە رايونىدا پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئەرمېنىيەگە ئائىت «سمەرچ» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

1518510
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋىدېئودا، «سمەرچ» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ پاچاقلاپ تاشلىنىۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ.

مىنىستىرلىق، مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ، تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدىن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بەردە شەھىرىگە، مىسكەت بومبىلىق «سمەرچ» باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئارقىلىق 27 – 28 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا، 25 پۇقرا قازا قىلغان، 70 تىن ئارتۇق كىشى يارىلانغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشلىرىدە ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى بىلەن ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشلار ئاساسلىقى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئاغدەرە، خوجاۋەند ۋە گۇبادلى يۆنىلىشلىرىدە داۋاملاشقان.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم تەشەببۇسلىرىنىڭ ئالدى ئېلىنغان. تۈنۈگۈن كۈن بويى ۋە بۈگۈن يېرىم كېچىدە، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئىككى دانە «SU-25» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى، 3 دانە «T-72» تىپلىق بىرونېۋىك، 2 دانە «سمەرچ» ۋە بىر دانە «گراند» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، 10 دانە تۈرلۈك توپ، 2 دانە «بوران – چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك، بىر دانە « OSA» تىپلىق زېنىت توپ، بىر دانە « P-18» تىپلىق رادار ماشىنىسى ۋە 4 دانە ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلانغان، كۆپ ساندا ئەرمېنىيە ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىنغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر