ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشلىرىدە ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى بىلەن ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1518495
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشلار ئاساسلىقى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئاغدەرە، خوجاۋەند ۋە گۇبادلى يۆنىلىشلىرىدە داۋاملاشقان.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم تەشەببۇسلىرىنىڭ ئالدى ئېلىنغان. تۈنۈگۈن كۈن بويى ۋە بۈگۈن يېرىم كېچىدە، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئىككى دانە «SU-25» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى، 3 دانە «T-72» تىپلىق بىرونېۋىك، 2 دانە «سمەرچ» ۋە بىر دانە «گراند» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، 10 دانە تۈرلۈك توپ، 2 دانە «بوران – چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك، بىر دانە « OSA» تىپلىق زېنىت توپ، بىر دانە « P-18» تىپلىق رادار ماشىنىسى ۋە 4 دانە ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلانغان، كۆپ ساندا ئەرمېنىيە ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىنغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر