تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئالەم ئىشلىرىدا ھەمكارلىشىدۇ

تۈركىيە ئالەم ئاگنېتلىقى بىلەن قازاقىستان ئالەم ئىشلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە كومىتېتى ئوتتۇرىسىدا ئالەم ئىشلىرى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

1509503
تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئالەم ئىشلىرىدا ھەمكارلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان دىجىتال تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئالەم سانائىتى مىنىستىرلىقى تۈركىيە ئالەم ئاگېنتلىقى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تۈركىيە ئالەم ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى سەردار ھۈسەيىن يىلدىرىم قازاقىستاندىكى ئىككى كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە، قازاقىستان دىجىتال تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئالەم سانائىتى مىنىستىرى باغدات مۇسىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئالەم ئىشلىرى ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سەردار ھۈسەيىن يىلدىرىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ، زىيارەت جەريانىدا، پايتەخت نۇر سۇلتاندىكى دۆلەتلىك ئالەم ئىشلىرى مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، يىراقتىن بايقاش سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، تۈركىيە ھەيئىتى قىزىل ئوردا ئىشتاتىدىكى بايقونۇر ئالەم بازىسىغا يېتىپ بېرىپ سويۇز «MS-17» ئۈسكۈنىسىنىڭ ئالەمگە قويۇپ بېرىلىشىنىمۇ كۆرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

سەردار ھۈسەيىن يىلدىرىم زىيارەت دائىرىسىدە، قازاقىستان ئالەم ئىشلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە كومىتېتىنىڭ باشلىقى باۋبېك ئورالماگامبېتوۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئالەم ئىشلىرى بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سەردار ھۈسەيىن يىلدىرىم ئىمزا مۇراسىمىدىن كېيىن، بۇ ھەقتە: «مەزكۇر كېلىشىم ئىككى دۆلەتنىڭ ئالەم ئىشلىرى ئورگانلىرى ۋە شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق پىراكتىكىسىنىڭ باشلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر