ياۋروپا ئىتتىپاقى قىرغىزىستاندا سايلامنىڭ قايتا ئۆتكۈزۈلۈشىنى كۈتمەكتە

ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت سايلاملىرىنىڭ يېڭىلىنىشى تەلىپى بىلەن پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ۋە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئىشغال قىلىنىشىدىن كېيىن قىرغىزىستاندا ئىشەنچىلىك ۋە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا قايتا سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1504577
ياۋروپا ئىتتىپاقى قىرغىزىستاندا سايلامنىڭ قايتا ئۆتكۈزۈلۈشىنى كۈتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېلنىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 4 – ئۆكتەبىر  كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ نەتىجىسىنىڭ قىرغىزىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغانلىقىنى خاتىرە قىلىپ يېزىپ قويغانلىقلىرى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى قىرغىزىستاندىكى بارلىق سىياسىي كۈچلەرنى ئاساسىي قانۇن دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشقا ۋە ئىختىلاپلارنى تىنچلىق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىرماقتا. قىرغىزىستاننىڭ قايتىدىن، خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر ۋە پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىك ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئىشەنچىلىك، ئوچۇق - ئاشكارا ۋە كەڭ دائىرىلىك سايلام ئۆتكۈزۈشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. قىرغىزىستاننىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىزچىل قوللايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر