شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئەزەربەيجاننى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسىن تاتار بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا، كۈنتەرتىپ مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالدى.

1502858
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئەزەربەيجاننى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسىن تاتار ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەپ: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ھەر قاچان ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىنى قوللايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، قەلبىمىز، دۇئالىرىمىز ئەزەربەيجان بىلەن بىللە. ئانا ۋەتىنىمىز تۈركىيەمۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ماۋى ۋەتەندىكى ھەق-ھوقۇقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك بولسا، شۇنى قىلىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەيمىز. قىبرىس تۈرك خەلقى بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، تۈركىيەنى قولايدۇ» دېدى.

ئۇ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى بىلەن گىرېتسىيەنىڭ يىللاردىن بېرى شىمالىي قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە قىبرىسنى خۇددىي پۈتۈنلەي ئۆزلىرىنىڭكىدەك قارارلار چىقارغانلىقىنى  بىلدۈرۈپ، بۇ نۇقتىدا كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرىنى ۋە ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«دېمىسىمۇ ئىككى دۆلەت بار، ئەمەلىيەتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمەن. ب د ت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى قايىل قىلىش كېرەك. شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان نۇقتىدا بولۇشى ئۈچۈن، چوڭقۇر ئىزدىنىش ئەڭ توغرا.»  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر