تۈركىيە قىرغىزىستاننىڭ پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن ياردەم قىلدى

تۈركىيە قىرغىزىستان مەركىزى سايلام كومىتېتىغا 2020-يىلى 4-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامنېت سايلىمىنىڭ ئادىل ۋە بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشىغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلدى.

1494461
تۈركىيە قىرغىزىستاننىڭ پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان مەركىزى سايلام كومىتېتى تۈركىيەنىڭ پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن ماددىي ياردەم قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ بىشكەكتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەنگىز كامىل فىرات قىرغىزىستان مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى نۇرجان شايىلدابېكوۋا بىلەن   كۆرۈشۈپ، سايلامنىڭ ئادىل ۋە بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن 100 مىڭ دوللار ياردەمنى تەقدىم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى نۇرجان شايىلدابېكوۋا قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە سايلام كومىتېتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  تارقىلىۋاتقان بولسىمۇ، سايلاملارنى كۆزىتىش ئۈچۈن نازارەتچىلەرنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى.

ب د ت تەرەققىيات پىروگراممىسى(UNDP)  نىڭ قىرغىزىستانغا بولغان سايلام ياردەم لايىھەسى رامكىسىدا، گېرمانىيە، شىۋېيتسارىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ قىرغىزىستان سايلىغۇچىلىرىنى تونۇيدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە فوند ئاجراتتى.

تەخمىنەن 4 مىليون سايلىغۇچى بار قىرغىزىستاندا، 120 كىشىلىك پارلامېنتقا كىرىش ئۈچۈن 16 پارتىيەدىن جەمئىي 1 مىڭ 920 نامزات ئۆزئارا رىقابەتلىشىدۇ.

سايلىغۇچىلار دۆلەتتە 2020-يىلى 3-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدىن كېيىن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا قۇرۇلىدىغان ساندۇقلارغا بېلەت تاشلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر