ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ قىرىمدا ئۆتكۈزگەن ئاتالمىش سايلامىنى ئېتىراپ قىلمىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدا ئۆتكۈزگەن سايلامىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1490322
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ قىرىمدا ئۆتكۈزگەن ئاتالمىش سايلامىنى ئېتىراپ قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل مەسىلىگە دائىر يازما باياناتىدا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە ھەپتە ئاخىرىدا رايونلۇق ۋە يەرلىك سايلاملارنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە، رۇسىيەنىڭ 2014 - يىلى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغان قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى سېۋاستوپولدا ئاتالمىش ​​ۋالىي سايلىمىنىڭمۇ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

جوسېپ بوررېل: «ياۋروپا ئىتتىپاقى قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز قوشۇۋىلىنىشى ئېتىراپ قىلمىغان. شۇڭا قىرىم يېرىم ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىمۇ ئېتىراپ قىلمايدۇ» دېدى.

بوررېل رۇسىيە تەشكىللىگەن بۇ سايلاملاردا قىرىم ۋە سېۋاستوپولغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغۇچىلارنىڭمۇ ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قىرىم ۋە سېۋاستوپولنىڭ ئۇكرائىناغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر