شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى سايلام ۋاقتىنى كەينىگە سۈردى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى 2020-يىلى 24-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامنى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەر رامكىسىدا 2020-يىلى 11-ئۆكتەبىرگە كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى.

1381461
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى سايلام ۋاقتىنى كەينىگە سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى 2020-يىلى 24-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامنى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەر رامكىسىدا 2020-يىلى 11-ئۆكتەبىرگە كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى ئالىي سايلام كېڭىشى 26-ئاپرېل ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان ئومۇمىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش كۈنتەرتىپى بىلەن توپلاندى.

ئومۇمىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش مەسىلىسى، ئالدى بىلەن، قانۇن، سىياسىي ئىشلار ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا مۇزاكىرە قىلىندى. ئارقىدىن ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلىنغان تەكلىپ، جۇمھۇرىيەت پارلامېنتىنىڭ ئومىي كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلدى.

قوبۇل قىلىنغان قارار تەكلىپىگە ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس مۇستافا ئاكىنجى سايلام ئۆتكۈزۈلگىچە ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر