تۈرك كېڭىشى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى باكۇدا چاقىرىلدى

تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا چاقىرىلدى.

1354598
تۈرك كېڭىشى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى باكۇدا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىنغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمار مەممەدياروۋ، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىڭگىز ئايداربېكوۋ، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تلېبەردى، ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋ ۋە تۈرك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋ قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.  ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمار مەممەدياروۋ يىغىندا ئسۆزلىگەن ئېچىلىش نۇتىقىدا،  يىغىندا،  تۈرك كېڭىشىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيتىلىشى، تۈرك ئاكادېمىيەسى ۋە تۈرك كېڭىشىنىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتىكى پائالىيەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەسىلىلىرى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ باكۇدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمار مەممەديارو ۋە تۈرك كېڭىشى باش كاتىپى ئامرېيېۋ بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر