قازاقىستان پارلامېنتى تۈركىيە بىلەن ئىمزالانغان ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ماقۇللىدى

قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى قانىتى، تۈركىيە بىلەن ئىمزالانغان ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ماقۇللىدى.

1317938
قازاقىستان پارلامېنتى تۈركىيە بىلەن ئىمزالانغان ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى قانىتىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خادىملىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمى مۇزاكىرە قىلىندى. كېلىشىم ئاۋازغا قويۇلغاندىن كېيىن، تەستىقلىنىشى ئۈچۈن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە يوللاندى.

قازاقىستان مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى تىمۇر داندىبايېۋ يىغىندا سۆز قىلىپ، كېلىشىمنىڭ ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئەنقەرەدە ئىمزالانغانلىقىنى، مەقسەتنىڭ، 2 دۆلەت ئارىسىدا ئادىل شۇنداقلا ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش پىرىنسىپلىرىغا تايىنىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەربىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر كېلىشىم، قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ھەربىي ھەمكارلىق، ھەربىي تەييارلىق ۋە مەشىق، بىرلەشمە مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈش، مۇداپىئە سانائىتى، تىنچلىقپەرۋەر ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش، ھەربىي، ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش ۋە باشقا مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىشنى مەزمۇن قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر