قازاقىستاندا يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق يەرمەنكىسى ئېچىلدى

قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇرسسۇلتاندا 24  دۆلەتتىن 300 دىن ئارتۇق شىركەت قاتناشقان يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق يەرمەنكىسى ئېچىلدى.

1293333
قازاقىستاندا يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق يەرمەنكىسى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆرمە يەرمەنكە مەركىزىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق يەرمەنكىسى « KazAgro ve KazFarm 2019» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمغا، قازاقىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چەت ئەل باش ئەلچىلىرى، باش ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە كۆپ ساندا مېھمانلار تەكىپ بىلەن قاتناشتى. مۇراسىمدىن كېيىن زىيارەتچىلەر يەرمەنكە ساھەسىنى ئايلاندى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەرمەنكىگە، قازاقىستان، تۈركىيە، ئاۋىستىرىيە، بېلارۇسىيە، ئەنگلىيە، ۋېنگىرىيە، گېرمانىيە، دانىيە، ھىندىستان، ئىران، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، خىتاي، گوللاندىيە، رۇسىيە، سىلوۋاكىيە، فىنلاندىيە، ئۇكرائىنا، شىۋېيتسارىيە ۋە ئېستونىيە قاتارلىق 24 دۆلەتتىن 300 دىن ئارتۇق شىركەت قاتناشماقتا ئىكەن. يەرمەنكىدە، يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان تېخنولوگىيەلەر، ماشىنىلار، تۈرلۈك سورتلۇق ئۇرۇقلار، خىمىيەلىك ۋە باشقا مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىنماقتا ئىكەن. يەرمەنكە جۈمە كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر