ئەلى ئەسەدوۋ ئەزەربەيجاننىڭ يېڭى باش مىنىستىرى بولدى
ئەزەربەيجاننىڭ ئىستېپا بەرگەن باش مىنىستىرى نوۋروز مەھەممەدوۋنىڭ ئورنىغا ئەلى ئەسەدوۋ باش مىنىستىر بولۇپ تەيىنلەندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەزبەيجان پارلامېنتى دۆلەتنىڭ يېڭى باش مىنىستىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى.
پارلامېنت باشلىقى ئوكتاي ئاسەدوۋ، باش مىنىستىر نوۋرۇز مەھەممەدوۋنىڭ ئىستېپاسىنى پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋغا سۇنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
پارلامېنت باشلىقى ئوكتاي ئاسەدوۋ، مەھەممەدوۋنىڭ ئىستېپاسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ۋە پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ باش مىنىستىرلىق ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ئەلىي ئاسەدوۋنى نامزات كۆرسەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
پارلامېنتتىكى ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىدىن كېيىن ئەلى ئاسەدوۋ ئەزەربەيجاننىڭ يېڭى باش مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى.
ئەلى ئاسەدوۋ، ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى ئاخىرىدىكى سۆزىدە ھەممەيلەننىڭ ئۆزىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتتى.
ئەلى ئاسەدوۋ نەھچىۋاندا 1965 - يىلى 30 – نويابىردا تۇغۇلغان ۋە موسكۋا خەلق ئىقتىسادى ئىنستېتۇتىنى 1978 – يىلى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، سۇۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئەزەربەيجان دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئىدى.
ئەزەربەيجان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن 1995 – يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان ئەلى ئاسەدوۋ، 1998 – يىلى ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىققا تەيىنلەنگەن ئىدى.
ئەلى ئاسەدوۋ 2012 – يىلىدىن بۇيان قوشۇمچە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىقى مۇئاۋىن باش كاتىبىلىق ۋەزىپىسنىمۇ ئۆتەپ كەلمەكتە ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.