ئۆزبېكستان بىلەن تاجىكستان ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

ئۆزبېكستاننىڭ نەمەنگان رايونىدا ئۆزبېكستان ۋە تاجىكستان ئارمىيەلىرى «2019-مەركەز» ناملىق ھەربىي مانېۋىرنى باشلىدى.

1271996
ئۆزبېكستان بىلەن تاجىكستان ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى نەمەنگان رايونىدا باشلانغان «2019-مەركەز» ناملىق ھەربىي مانېۋىر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۆزبېكستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تاجىكستان چېگراسىدىكى نەمەنگان ۋىلايىتىگە جايلاشقان گۇرۇمسارايدا باشلانغان ئورتاق ھەربىي مانېۋىردا، قانۇنسىز يوللار بىلەن چېگرادىن مەخپىي كىرگەن قوراللىق گۇرۇھلارغا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىق ئورنىتىش مەقسەت قىلىنىدىكەن.

بۇ يىل ئىككىنچى قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە 100 دىن ئارتۇق ئۆزبېكستان، تاجىكستان ئەسكەرلىرى قاتناشقان مانېۋىردا، ئۆزبېكستان ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىللىرى ۋە ئەسلىھەلىرى ئىشلىتىلىدۇ.

تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىش قابىلىيىتى ئاشۇرۇلىدىغان بۇ مانېۋىر، بۇ ھەپتە ئاخىرى ئاخىرلىشىدۇ.

2017-يىلى ئىككى دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ۋە ھەربىي تېخنىكا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغان ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر