كەركۈكتە دائېش تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىلار پارتىلىدى
ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى يەردە يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلىشى سەۋەبىدىن 1 كىشى ئۆلۈپ، 7 كىشى يارىدار بولدى.
1265781
![كەركۈكتە دائېش تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىلار پارتىلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/2ae6/cdde/217a/5d75f451496de.jpg?time=1718464604)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ئامانلىقنى ساقلاش مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، كەركۈك شەھىرىنىڭ ئىككى رايونىدا تەڭ بىرلا ۋاقىتتا يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتىلغان. پارتلاشتا 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 7 كىشى يارىدار بولغان.
ھۇجۇمنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش قىلغان، دەپ قارالماقتا.
ئىراق مەسئۇللىرى ۋەقە ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.